مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پىلانى سىزىپ چىقىلدى

2020.12.09 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانى ئىلمىي پىلانلانغان بولۇپ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر.

  «تەكلىپ» دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، «نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىستا يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ»، دەپ كۆرسەتتى.

  خەلقئارادىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق روشەن ئېشىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كەڭ ھەم چوڭقۇر بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

  دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئاشتى، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشى بولۇپ، ماددىي ئاساسى كۈچلۈك، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، بازار بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولدى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ، بەزى ساھەلەردە يەنىلا كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر مەۋجۇت.

  ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارغا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ، خەۋپ ئىچىدە پۇرسەت بارلىقىنى، خەۋپتە بۇرۇلۇش ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى، خەۋپنى تۈگەتكەنلىكنىڭ پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ ھەم پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەم خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، خەۋپ ئىچىدە پۇرسەتنى يېتىلدۈرۈشكە، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ