مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش، باھالاش ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.12.04 18:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى يىغىن ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش، باھالاش ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادىي، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. سەككىز يىل ئىزچىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاپ، ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆك نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىپ، يۈز مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا ھەيران قالغۇدەك زور غەلىبىگە ئېرىشتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ زور غەلىبىسى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، بىرلىكتە ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، شۇنداقلا جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە كۈچەپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتى ۋە قۇربان بېرىش، تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق نامايەن قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەرەققىيات تەكشىسىز بولۇش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «تۆتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۆلەش سىياسىتى، مەبلەغ مەدىتى، يۆلەش كۈچىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياردەم بېرىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيە، كەنت، نوپۇسنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ، كىرىم ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىزلاپ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، تولۇق ئېنىقلاش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوبوروت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىم سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەرقى قىسىم رايونلار بىلەن غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا رايونلاردىكى ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ غەربىي رايونغا يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش كېرەك. باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ كېيىنكى ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كۆچۈرۈلگەن جايدا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرۇپ قېلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەدرىجىي بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەبلەغ، مۈلۈك تۈرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق ئۈنۈم يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئاخىرقى چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، پاراۋانلىق ئورنىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا تايىنىپ ئاجىز ئەمگەك كۈچلىرى، يېرىم ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىقلارنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ