شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2020.12.04 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابىر، چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىدېيو ئارقىلىق سۆز قىلىپ، مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  چىڭخۇا داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق يىغىنى 3-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىدېيو ئارقىلىق سۆز قىلىپ، مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا. بىز ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، يەر شارى بازىرىغا تېخىمۇ پائال سىڭىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۆھپە قوشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا خەلقئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تەكلىپ، تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ