مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2020.12.03 18:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتىكى ئىجادىي تەرەققىياتى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. نەزەرىيە ۋە سىياسەت تەتقىقاتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتەك تارىخىي پاكىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە ساقلانغان خاتا چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتتە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكىر يولى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇستەھكەم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن 10 نەپەر كىشى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە شىزاڭ، گەنسۇدىكى ئۈچ يىغىن مەيدانىدا سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش پۈتۈنلەي بىر يېڭى تېما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاقىدار تەرەپلەر بەزى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش قىلىپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن يەنىلا تونۇش چوڭقۇر بولماسلىق، ئىدىيەۋى نەزەرىيەدە خاتا چۈشەنچە بولۇش، ئەمەلىي خىزمەتتە تۇتقا ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ ئاساس خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي بايان سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، قويۇق تۇماننى تارقىتىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر سىياسىتى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش دەرسلىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئورتاقلىق ۋە پەرقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ ئارىلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئىپادىلەنگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازى نامايان قىلىنغان تۈرلەرنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى مۇكەممەل، توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت قانۇنى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن پايدىلىنىپ يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى بىن، باتېر يىغىنغا قاتناشتى. نيۇ رۇجى، ۋاڭ يەنجۇڭ، ۋاڭ شىئېن، گاۋ ياڭ، دىڭ يۈەنجۇ، ۋاڭ جېن، ما خۇچېڭ، ئالادەنساڭ، ۋېي جېنلىڭ، جېڭ دافا قاتارلىقلار يىغىندا سۆز قىلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ