مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش لازىم

2020.12.07 18:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتالى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك كاپىتالى قاتارلىقلار گىرەلىشىپ پاينى ئىلكىدە تۇتقان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى − دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلىدۇر. ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى − دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا پايدىلىق.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىدا، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاساس، كاپىتالنى تۈگۈن قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ.

  بىرىنچىدىن، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى ھوقۇق بېرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش ۋە زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك؛ بازارلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە كارخانىلارنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى تەڭشەپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغان، پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان، خەۋپ-خەتەرنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى چەكلەيدىغان، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بازار سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ تۈرلۈك كاپىتالنى ئادىل كىرگۈزۈش ۋە قانۇن بويىچە چېكىندۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەنپەئەتكە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۈنۈم ئېڭى، پۈتۈم روھى ۋە پۈتۈمنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، بازارلاشقان رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇش تۈزۈمى قاتارلىق ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كارخانىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، كارخانىچىلار روھى، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوغداپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا قۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بىلەن باشقا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى ھەمتۈرتكىلىكنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئىسلاھاتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇدىرىيەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى بازارلاشتۇرۇپ تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ