مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك

2020.12.03 18:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش − ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزا يەر كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى ئاساس، ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىشنى ۋاسىتە، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى تىرەك قىلغان ئىستېرېئولۇق بىرىكمە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېرېئولۇق بىرىكمە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئائىلە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ يېرىنى قانۇن بويىچە ھۆددە ئېلىش ئاساسىي ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئائىلە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش لازىم.

  تۈرلۈك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى − دېھقانلار پاي قوشقان، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان، ئەمگەك ۋە پايغا قاراپ پايدا تەقسىم قىلىدىغان كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات، ئەزالار باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئىگە. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش − دېھقانلارنىڭ ئائىلىلەرنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئەزالارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كىچىك كۆلەمدىكى دېھقانلارنى تەشكىللەپ بازار ئېچىپ، بىرلىشىپ بازار ئېچىپ، كىچىك كۆلەمدىكى دېھقانلارنىڭ تارقاق ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىگە تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. مەلۇم كۆلەمگە ئىگە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىشىنى ياخشىلاش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى غايەت زور ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ