مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.12.02 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندىن بۇرۇن، خەن جېڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بىلەن مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 120 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق 2020-يىللىق چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يىغىندا ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى قويۇلۇپ، 11 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمىدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، بەزى جايلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى جايىدا بولماسلىق، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولماسلىق، تەرەققىيات يۆنىلىشى يىرىك بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە سىستېمىلىق تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىستېمىلىق قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «1+4» مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاساسىي تومۇر شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى يېشىل تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى قاتمۇقات چىڭىتىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ليۇ خې، لى چياڭ، چېن مىنئېر، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ