مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك

2020.12.04 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شەھەر − كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان جاي، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش شەرت.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە: «شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈلمە-مېخانىزم بەرپا قىلىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا ھېسسىيات ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شەھەر تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ھېسسىيات ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىش لازىم. خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلق شەھىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەقسەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش.» بىر شەھەرنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان تەسىرى پەقەت قاتار-قاتار ئېگىز بىنالار بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايدۇ، شەھەر ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئىللىقلىق، راھەتلىك ۋە قولايلىق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. شۇڭا، شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا ئىللىقلىق كەم بولسا بولمايدۇ. شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا ھېسسىيات ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەم زامانىۋى شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. ھېسسىيات ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىدىغان شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئويلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسىلىلەرگە كۆپرەك ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراپ، ئامال تېپىپ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ