مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلق مائارىپ نەشرىياتىدىكى پېشقەدەم يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يىلتىزنى يېتىشتۈرۈپ، روھنى تاۋلايدىغان، ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرىدىغان ئېسىل دەرسلىكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىش لازىم

2020.12.01 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق مائارىپ نەشرىياتىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، خەلق مائارىپ جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلاردىن ھال سورىدى، دەرسلىك تۈزۈش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، خەلق مائارىپ نەشرىياتى ئاساسىي مائارىپ دەرسلىكى ۋە مائارىپ كىتابلىرىنى تۈزۈش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىشتا تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى، مەن سىلەر ۋە نەشرىياتتىكى پۈتۈن خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس قىلىنىدۇ. خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ يىلتىزنى يېتىشتۈرۈپ، روھنى تاۋلايدىغان، ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتىدىغان ئېسىل دەرسلىكلەرنى بەرپا قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم ئېلان قىلىندى)

  خەلق مائارىپ نەشرىياتى 1950-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئاساسىي مائارىپ دەرسلىكلىرى ۋە مائارىپ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش، تۈزۈش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىشقا كۈچ چىقارغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق (ئىدىيەۋى-سىياسىي)، تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىختىن ئىبارەت ئۈچ پەننىڭ بىر تۇتاش دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، نەشر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق مائارىپ نەشرىياتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان 11 يۈرۈش ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈپ، تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدى، جەمئىي 70 مىڭ تۈردىن ئارتۇق تۈرلۈك نەشر بۇيۇمىنى نەشر قىلدى، تىراژى 75 مىليارد پارچىدىن ئاشتى.

  يېقىندا، بۇ نەشرىياتتىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پۈتۈن نەشرىياتتىكى يولداشلارغا ۋاكالىتەن خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان كىتاب تۈزۈش، ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، نەشرىيات ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ