لى كېچياڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلى) كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

2020.12.01 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلى) كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. رۇسىيە زۇڭلىسى مىسخۇستىن، قازاقىستان زۇڭلىسى مامىن، تاجىكىستان زۇڭلىسى راسۇلزودا، ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوۋ، قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت زۇڭلىسى نوۋىكوۋ، ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى نايدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىن شەكلىدە ئېچىلدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىدى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ھەمكارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، كېيىنكى يۇقۇم مەزگىلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەتنى پائال يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدىن كۆرۈڭ)

  لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، بىخەتەر، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك. بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تور تېررورىزمى قاتارلىق يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئافغانىستاننىڭ مىللىي يارىشىش مۇساپىسىگە مەدەت بېرىپ، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ پۇختا ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئوچۇق ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپىسلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايونلارنىڭ «قولاي يول» ۋە «يېشىل يول» تورىنى ياخشى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىنىڭ ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، تور ئىقتىسادىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە «يېشىل قايتا جانلىنىش»ىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ساغلاملىق، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىپ، ۋاكسىنا، دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تاماملانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تىنچ تەرەققىي قىلىش يەنىلا دەۋر تېمىسى، ئوچۇق ھەمكارلىشىش يەنىلا دەۋرنىڭ ئېقىمى. بىز قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يەر شارى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى.

  يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھە ھەمكارلىقىدا ئېرىشكەن مۇھىم ئىلگىرىلىشىگە پائال باھا بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، دەپ قارىدى. يۇقۇم خىرىسى ئالدىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاكسىنا، دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ۋەدە بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، سودا سېلىنمىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەر ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش؛ ياشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا بىردەك قوشۇلدى.

  لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئىمزالاپ ھەم ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ۋە قارارىنى تەستىقلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ