مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپ ئېلىپ كەلدى

−− يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى تونۇش ۋە ئىگىلەش (2)

2020.12.04 19:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەشتە، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى»نى، «داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتى پەرقى بىرقەدەر چوڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىدە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يەنە ئاجىز تۈرلەر بار. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. مەيلى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بولسۇن ياكى «تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىشتا بولسۇن، ياكى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشتا ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل»دىن ئۆتۈشتە بولسۇن، ھەممىسى جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  دىققەتنى تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش، ھەم مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتسەكلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتالايمىز، قەدەمنى ياخشى باسالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ