مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيادا نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن جۇڭگو پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش

2020.12.03 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىكى نامرات ئاھالە 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭدىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 5 مىليون 510 مىڭغا ئازايدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. بۇ، جۇڭگو تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيادا نامراتلارنى ئازايتىش ئۈچۈنمۇ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى تۆھپىسىنى قوشتى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، نامراتلىق − دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بىر چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى. 2000-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدا، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ئىدى. 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە «پۈتۈن دۇنيادا بارلىق شەكىلدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش» يەنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. دۇنيانى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ قىزىل رەقەم» ئىچىدە تەرەققىيات قىزىل رەقىمى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر. جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ساھەسىدە نامايان قىلغان ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى، قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى دۇنيادا نامراتلىققا قارشى تۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي، تارىخىي مەدەنىيىتىدە زور پەرق بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن نامراتلىقنى ئازايتىش ئەندىزىسىنىڭ بولۇشى تەس. ھالبۇكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان نوپۇس چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى يېڭى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

  تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلار ئازايتىلدى. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقنى ئازايتىشقا پۇختا ماددىي ئاساس سالدى. كەسىپ قاتلىمىدا، ياسىمىچىلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ ھەم مۇلازىمەت كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى. يېزىلاردىكى نۇرغۇن نامرات ئاھالە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. رايون قاتلىمىدا ئىقتىسادنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرغان رايونلار كەسىپلەرنى پەلەمپەيسىمان يۆتكەش ئارقىلىق، نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىلكىدىكى بايلىق زور دەرىجىدە ئېشىپ، نامراتلىقنى ئازايتىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى بار بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ