مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.12.02 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى ۋە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بېيجىڭ داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يى جىمىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش − تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق __ دەل يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىقتۇر. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىكى «تەكلىپ»تە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كىرگۈزۈشتىكى چوڭ دۆلەتتىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىدىغان چوڭ دۆلەتكە ئۆزگەرمەكتە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى سان قوغلىشىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرمەكتە. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئېنىق تونۇپ، نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي باشلانغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، ھەرىكەت، يىرىك پىلانلارنى چىقىرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتكە چېقىلىش، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نىشان، ۋەزىپە، تەدبىر ۋە يولغا قويۇش پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئادىل، مۇۋاپىق قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداش، ھەم ئاممىۋىي مەنپەئەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پاتېنت قانۇنى، تاۋار ماركىسى قانۇنى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنلار ئارىسىدىكى بىردەكلىكنى كۈچەيتىش كېرەك؛ جۇغراپىيەلىك بەلگە، سودا مەخپىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەق تەلەپ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دەۋا قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى سوت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم-كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ جىنايى ئىشلارغا دائىر قانۇن ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار بويىچە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان، ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ساھە ۋە رايونلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاخىرغىچە تۈزەپ، دەل جايىدا چۆچۈتۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۈتۈن زەنجىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ ھوقۇق بېرىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوغداش، كېسىمدە مۇرەسسە قىلىش، ساھە تەلەپچانلىقى، پۇقرالار سەمىمىيىتى قاتارلىق ھالقىلاردىن قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، ئىشلىتىش، قوغداش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش پۈتۈن زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلققە قولايلىق، پايدىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەلەپچانلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈردۇق، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. پەرقلىق كەسىپ ۋە رايون بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە گېن تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى ساھە، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئەنئەنىۋى بىلىم قاتارلىق ساھەلەرنى قوغداش چارىسىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا تۈرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەڭپۇڭ بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى رامكىسىدىكى دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا سودا، خەلقئارا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق خەلقئارا قائىدە ۋە ئۆلچەملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىي چوڭ دۆلەت، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىمدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى سىرتقا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىشكە ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇنلۇق، كۈچلۈك بولغان چەكلەش ۋاسىتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ زېمىن سىرتىدا تەتبىقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەۋپ-خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان چەت ئەلگە چېتىشلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە ئالاقىدار ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ساختا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى پىششىق بىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ