مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

2020.12.09 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلاش لازىم.» نۆۋەتتە، بىز كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشىمىز كېرەك.

  نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا ئۇچرىدى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، كارخانىچىلار روھىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش − ھەرگىزمۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يېپىق ھالەتتە يۈرۈشۈش ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كارخانىلار بارلىققا كەلدى، بۇ، كارخانىچىلارنىڭ خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىش روھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتىكى قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، دۇنيا بازىرى تارىيىپ كېتىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، خەلقئارا بازارنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياجىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ