ئامېرىكىنىڭ توققۇز سابىق باش ئەلچىسى ياكى سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 3–چېسلا بىرلىشىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر چېكىندۈرسە، ئافغانىستان «ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقى»غا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بەش سابىق باش ئەلچىسى، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىر سابىق ياراشتۇرۇش ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى، بىر سابىق مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى ۋە باشقا ئىككى كىشى 3- چېسلا، ئامېرىكا ئاقىل ئامبىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى تور بېكىتىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر چېكىندۈرۈشى «ھەقىقىي تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن بولۇشى، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولماسلىقى كېرەك» دەپ قارىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەسكەر چېكىندۈرۈشى بۇنداق تېز بولماسلىقى كېرەك، بۇنداقتا تالىبانلار ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قازاندۇق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى باشقا سىياسىي تەرەپلەر بىلەن مۇرەسسە قىلمايدۇ».
ئامېرىكا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تالىبان بىلەن قاتار پايتەختى دوھادا سۆھبەت باشلىغان، 9-نۆۋەتلىك سۆھبەت يېقىندا ئاخىرلاشتى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل سۆھبەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى، بۇنىڭ سەۋەبى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا يۆلەپ تۇرغۇزغان «قورچاق» دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان.
سابىق توققۇز ئامېرىكا ئەمەلدارى ئېلان قىلغان بۇ بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئامېرىكا تالىبانغا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىش مەسىلىسىدە يول قويسا، تالىبان كىم بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۆزى قارار قىلىدۇ. لېكىن، «ئافغانىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋە كىمنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق».
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تىنچلىق ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنىڭ كۆلىمىنى ساقلاش ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئاچقۇچلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا نۆۋەتتە ئافغانىستاندا تەخمىنەن 14 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزدى. ترامپ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سانى 8600گە ئازايتىلىدۇ، ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئىزچىل ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى