مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيە ساقچى كۈچىنى زورايتىپ، ھۆكۈمنى تېزلەتتى

2019.08.16 17:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  2011-يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى لوندوننىڭ توتنام رايونىدىكى ساقچىلار بىر ياش ئەرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ، شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئامما 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى . شۇ كۈنى كەچتە نامايىش مالىمانچىلىققا ئايلىنىپ ، قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە پۈتۈن لوندون شەھىرىگە كېڭىيىپ ، مانچېستېر ، بېرمىنھام ، لىۋېرپول ، برىستول ۋە لىز قاتارلىق شەھەرلەرگە يامرىدى .8-ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋەزىيەت تىنچلىنىشتىن ئىلگىرى ، ئۇدا تۆت كۈن ئوت قويۇش ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سەۋەبىدىن بەش ئادەم قازا قىلدى ، مالىمانچىلىققا قاتناشقان 4000 دىن ئارتۇق گۇماندار قولغا ئېلىندى .

  مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن مەزگىلدە ، شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون دوۋنىڭ كوچىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەنگلىيە ساقچى كۈچىنى زورايتىپ،تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاشۇ جىنايەتچىلەرگە قانۇننىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەزىيەتنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار رايونلارغا زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتكەن، لوندوندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچىلارلا 16 مىڭدىن ئېشىپ ،تەخمىنەن 4000 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان . شۇ چاغدىكى لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورىس جونسۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : لوندون ساقچىلىرى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى قاپلاپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىش ھەمدە زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئالامەتلىرى پەيدا بولغان ھامان، دەرھال باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى .

  ئەينى يىلدىكى قالايمىقانچىلىقنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل رازۋېدكا ساقچى باشلىقى كىرىستوف گىرىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ساقچى ئورگىنى ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، نەچچە مىڭ سائەتلىك سىنئالغۇ لېنتىسىنى نازارەت قىلىپ كۆرۈش ، پەرقلەندۈرۈش ، ئاختۇرۇش ، تۇيۇقسىز قولغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ،مالىمانچىلىققا قاتناشقان ئالاقىدار خادىملارنى قولغا ئالدى . ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە قولغا ئېلىش خىزمىتى نەچچە ئاي داۋاملاشتى .

  1976-يىلىدىن 1991 - يىلىغىچە شياڭگاڭ ساقچى ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەنگلىيەلىك ئاندى كۇردرېك مۇنداق دېدى : ئەگەر ساقچىلار قانۇننى قوللانمىسا ، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن جاينىڭ ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ساقچىلارغا خىش ئاتقان ، بېنزىن بومبا ئاتقان ئاشۇ زوراۋان ئۇنسۇرلار قولغا ئېلىنىپ ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ