مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى ھەرگىز ئاتالمىش «جازا لاگېرى» ئەمەس، بەلكى مەكتەپ ـ ـ ـ ئۆزبېكىستاندىكى داڭلىق مۇخبىر ۋوبىدورفنى زىيارەت

2019.08.16 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى ھەرگىز غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاتالمىش «جازا لاگىرى» ئەمەس، بەلكى بىر مەكتەپ. ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق مۇخبىرى، ئۆزبېكىستان مۇخبىرلار جەمئىيىتى فەرغانە شتاتى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ۋوبىدوف يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى، شىنجاڭدا ئۇدا 30 ئاي زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

  7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش» تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋوبىدوف جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئىران قاتارلىق 24 دۆلەتتىن كەلگەن مۇخبىرلار بىلەن شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىغا چوڭقۇر زىيارەتكە بېرىپ، شۇ جايدىكى كەسپىي ماھارەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كۇرسانتلىرى، ئىسلام دىنى خادىملىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋوبىدوف جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تەپسىلىي زىيارەت قىلدى. تىل جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك تۈپەيلىدىن، ۋوبىدوف زىيارەت مەزگىلىدە كۆپىنچە ۋاقىتتا ئانا تىل- ئۆزبېك تىلىدا بىر قىسىم تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كۇرسانتلار بىلەن كەڭ-كۇشادە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋوبىدوف مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش مەركىزىدە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىم بويىچە بايان قىلسام، بۇ يەردىكى كۇرسانتلار قانۇن ـ نىزام ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئۆز ئالدىغا تاماق ئېتىش ۋە ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشنى تاللىسا، كەلگۈسىدىكى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشقا تەييارلىق قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغان تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ھەر بىر ياتاقتا ئۈچتىن تۆتكىچە كارىۋىتى ۋە كۇتۇپخانا ۋە مۇنچىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەر پۈتۈنلەي ياتاقلىق مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ۋوبىدوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ زىيارەت قىلغان نۇرغۇن كۇرسانتلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن.

  تېررورلۇق ئۆزبېكىستاندىمۇ مەۋجۇت، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي زەربە بېرىش ۋە يوقىتىش. تېلېۋىزىيە مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋوبىدوف كۆپ قېتىم تېررورلۇققا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قاتناشقان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇدا 30 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارىتا قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ۋوبىدوف مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە قىلغان خەۋەرلىرى بەك بىر تەرەپلىمە بوپتۇ، خەلقئارا جەمئىيەت غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنداق بىر تەرەپلىمە خەۋىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئورتاق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ يەردە كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىغىمۇ بۇ يەردە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.

  ۋوبىدوف ئەمەلىيەتتە شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا زامانىۋى زاۋۇت بار، ئۇل ئەسلىھەلەرمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل. ھۆكۈمەت پۇقرالارنى قوللاپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆيگە ئىگە قىلدۇرۇپ، زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇقىم مائاشقا ئىگە قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ