مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا يەنە مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش لازىم

2019.08.19 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى تەسىرلىك، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى قايتا جانلىق نامايان قىلغان بولۇپ، ھايات ۋە ئىسسىق قان بىلەن تاۋلانغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى شەرھلەشكە نىسبەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ «ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى» نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى يېڭى «لۇشەنگۇەن»، «لازىكۇ»لاردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدىكى يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  8-ئاينىڭ 18-كۈنى «سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر − مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش سۆھبەت يىغىنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇينىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ياخشى مېڭىشى چاقىرىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ