مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىدى، ئەنگلىيە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى

2019.05.10 16:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش كېلىشىمىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن بولماي قالدى.

  ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىلەن ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»كېلىشىمىنىڭ مۇرەسسە لايىھەسىنى داۋاملىق كېڭىشىپ، يەنىلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرېسا ماينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ياردەمچىسى، ئىچكى كابېنت ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىرى داۋىد لىدىنتون شۇ كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىش مۇساپىسىنىڭ «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقى»نى، شۇ كۈنى ئاخىرلىشالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  لىدىنتون مۇنداق دېگەن: ھۆكۈمەت «ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ»، باشقا پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلىنى كېڭىشىپ، ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدىن كېيىنكى «ئارقىغا سۈرۈشنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھۆكۈمەت خەۋەرچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسى 6 - ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشسا، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئورننى قولغا كەلتۈرگەن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن ؛ ئەگەر «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 7 – ئايدىكى دەم ئېلىشىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشسا، بۇ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى پەقەت بىر ئايلا ئادا قىلىدىكەن.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭىدىن سايلانغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى شۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى يازلىق دەم ئېلىشنى باشلايدىكەن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ پاكىت تەكشۈرگۈچىسى كىرىس مورىس چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»كېلىشىمى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن ئاندىن ئەنگلىيە قانۇنىغا ئايلىنىدۇ. لىدىنتون شۇ كۈنى «بۇلارنى قىلىشقا ۋاقىت يەتمەيدىغانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى».

  ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتچىسى شۇ كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىپ مۇنداق دېدى: ترېسا ماي «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا بەل باغلىدى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىلەن لىبورىسلات پارتىيەسىنىڭ سۆھبىتى- ئۇنىڭ كېلىشىمدە «كۆپ سانلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن سىناپ بېقىۋاتقان يېڭى يولى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترېيسا ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كېلىشىمى ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

  «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» قاتمال ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىلەن لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى تۆت ھەپتىدىن ئارتۇق كېڭەشتى، ھازىرغىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى. ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخىرلاشتى، سۆھبەت ۋەكىللىرى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى.

  لىبورىستلار پارتىيەسى كۆلەڭگە كابېنتىنىڭ سودا ۋەزىرى لېبىكا لاڭ بېللىنىڭ قارىشىچە، 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى كېڭىشىش «ئىنتايىن قىزغىن» بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنمىغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا « قىزىل سىزىق » دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ بىر خەۋەرچىسى ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ سىياسىي ئاخبارات مۇھەررىرى لاۋرا كۇئېنسبېرگقا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئۇچرىشىش كەيپىياتى «جىددىي بولدى»، لىبورىستلار پارتىيەسى سەل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئىككى تەرەپتە ئاساسلىق مەسىلە ۋە ئىختىلاپ بار دەپ قارايمەن. خەۋەرچى زاتلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «سەمىمىيەتسىز» لىقىنى كۆرسىتىپ، يېڭىدىن يول قويۇش توغرىسىدا جار سالدى، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەر ھازىرقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كېلىشىمىدىكى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ،دېدى.

  كۇئېنسبېرگنىڭ سۆزى بويىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن « ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى » نى ساقلاشقا ۋەدە بەردى؛ ئالماشتۇرۇش سۈپىتىدە، لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ مەيدانىنى بوشىتىپ، ھازىرقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋاقتىنچە سەۋر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ؛ ئەگەر لىبورىستلار پارتىيەسى كېلەر قېتىملىق مەملىكەتلىك سايلامدا غەلىبە قىلسا، شۇ چاغدا ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ . ھالبۇكى، مەڭگۈلۈك تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن لىبورىستلار پارتىيەسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يول قويۇشى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ.

  نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» ۋە « ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىش» نى تەشەببۇس قىلىدىغان سايلىغۇچىلار سايلام ئارقىلىق «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» قاتمال ۋەزىيىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن ئىكەن. لىبورىستلار پارتىيەسى ئوخشاشلا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ياكى « اۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىش» نى تەشەببۇس قىلىدىغان «ئەنگلىيەنى ئۆزگەرتىش» پارتىيەسىنىڭ ئاۋازنى بۆلىۋېتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىكەن.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى نەجىر فاراچ قۇرغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» پارتىيەسى ۋە « ئەنگلىيەنى ئۆزگەرتىش» پارتىيەسىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈن سايلامدا ۋەزىيەت يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رازى بولمىغان سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتىدا 751 ئورۇن ئۆزگەرتىپ سايلىنىدىكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نوپۇس كۆلىمىگە ئاساسەن بەلگىلىك سانغا ئېرىشىدىكەن، ئەنگلىيە 12 سايلام رايونىغا بۆلۈنۈپ، جەمئىي 73 پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئېنگىلاد، شوتلاندىيە ۋە ۋېلش رايونىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورنى سىياسىي پارتىيە ئېرىشكەن سايلام بېلىتىنىڭ نورما سانىغا ئاساسەن ھەرقايسى پارتىيەلەر كۆرسەتكەن نامزاتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ؛ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونىدىكى سايلامدا سايلىغۇچىلار ياخشى كۆرگەنلىرى بويىچە ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ نامزاتلىرىنى رەتكە تىزىدۇ.

  ياۋروپا پارلامېنتى ئىلگىرى ئەگەر ئەنگلىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنپ چىقسا»، 73 ئورۇن ئىچىدىكى 46 ئورننى ئۆزلىكىدىن بىكار قىلىشقا، ئۇنىڭدىن باشقا 27 ئورۇننى ئۆزىنىڭ ۋەكىل سانى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارىغان باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قوشۇلغان ئىدى.#
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ