مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەبچى بولدى

2019.05.10 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇراللىق تۇقۇنۇش ئۈچ كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن بىر ئاز پەسەيدى، غەززە رايونىدىكى پەلەستىن قۇراللىق گوروھى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززە رايونىغا ۋاقتىنچە يېڭى ھەربىي زەربە بەرمىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەردى،بۇ 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق توقۇنۇش بولۇپ، ئاجىز رايون ۋەزىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى.

  بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى ئۇدا نەچچە كۈن غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە نەچچە يۈز راكېتامىيۇت قويۇپ بېرىپ، نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكنىڭ جىنىغا زامىن بولدى. ئىلگىرى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى ئاندا-ساندا راكېتامىيۇت ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىمقىغا ئوخشاش راكېتامىيۇتنى كۆپ ۋە زىچ قويۇپ بېرىش، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلغار مۇداپىئە سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈش ھەمدە ئىسرائىلىيە خادىملىرىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشىدى. بۇ تەڭشەش ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بايلىق سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش؛ ئىككىنچى، ئىراننى ئاساسلىق رەقىب دەپ قاراپ، ئىرانقا قارشى رايون ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش؛ ئۈچىنچى، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش؛ تۆتىنچى، پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەگە بەكرەك يان بېسىپ، ئېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى تېلاۋىفتىن ئېرۇسالېمغا كۆچۈرۈش.

  نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشىشى ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئاقىۋەتنىڭ بەلكىم ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەڭشەشتىكى ئاساسلىق مەقسەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تەدرىجىي چەتلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا باشتىن-ئاخىر ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن، روشەنكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش.

  بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ئىزچىل قاتتىق مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇنىڭ يېقىندا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى پەلەستىننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇردى.

  تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىشكە سەۋەبچى بولدى، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا تېخىمۇ رادىكال بولۇپ كەتتى.

  پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ( فاتاخ ) ۋەكىللىكىدىكى ئاساسىي مۆتىدىل گوروھ بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى ( خاماس ) ۋەكىللىكىدىكى رادىكال گوروھ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ئىزچىل مەۋجۇت. يېقىندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە، پەلەستىن- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق كۈرىشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندى .

  ئوتتۇرا شەرق چوڭ مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قوللىغۇچىلىرى پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرىشىنى قوللاشنى ئازايتتى، ئەمما ئىران ۋە تۈركىيە پەلەستىننى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان پەلەستىندىكى گوروھلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى، ئىلگىرى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئاساسىي گوروھلارنىڭ ئامما ئارىسىدىكى چاقىرىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئىران ۋە تۈركىيە قوللايدىغان گوروھلار ئاساسىي گوروھلارغا قارىغاندا تېخىمۇ رادىكال بولغانلىقتىن، رادىكال گوروھنىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەسىر كۈچى ئېشىپ كەتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى پەلەستىن خەلقى، بولۇپمۇ غەززە رايونىدىكى ئاھالىلەرنى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پاتۈرۈپ قويدى، بۇ ئۇلارنى بەك ئۈمىدسىزلەندۇردى، شۇڭا ئاسانلا قۇترىتىلىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلاندى .

  خاماس 2007-يىلى غەززە رايونىنى كونترول قىلغاندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، توقۇنۇش، ئۇرۇش توختىتىش، قايتا توقۇنۇشتەك يامان دەۋرىيىلىك شەكىللەندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلە. بۇ قېتىمقى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ پارتلىشى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بۇ مەسىلە ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىنمىسا، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىغا تېخىمۇ پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ