باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بويىچە دۇنيادا قايسى دۆلەت كۈچلۈك؟

2017.06.28 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تولۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى «گۈللىنىش» بەلگىلىك ئېلىكتروۋۇز تۈنۈگۈن بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىدە قوش يۆنىلىشتە تۇنجى قاتنىدى.

  خەلقئارا تۆمۈر يول ئىتتىپاقىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن، كونا تۆمۈر يول لىنىيەسى سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يېتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلسە، يېڭى ياسالغان تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىردىن 300 كىلومېتىرگىچە بولسا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تەرەققىياتىنى ئەسلەيدىغان بولساق، كىشىلەر بۇنداق قاتناش قورالىنى «ياپونىيەدىن باشلانغان، ياروپادا تەرەققىي قىلغان، ئەندىزىسى جۇڭگودا زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن» دېيىشىدۇ. ئۇنداقتا يەرشارى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سىستېمىسىدا زادى قايسى دۆلەت ئەڭ كۈچلۈك؟

  1964-يىلى 1-ئۆكتەبىر، توكيو بىلەن يېڭى ئوساكا ئارىلىقىدىكى توكايدو يېڭى غول لىنىيەسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، دۇنيادىكى تۇنجى سودا تىرانسپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بولغان. ھازىرغىچە، ياپونىيەدە قاتناش باشلانغان يېڭى غول لىنىيە ئومۇمىي مۇساپىسى 2764.6 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك قاتناش سۈرئىتى 240 كىلومېتىردىن 320 كىلومېتىرغىچە يېتىدۇ.

  ياپونىيە يېڭى غول لىنىيەسىنىڭ بىر چوڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، پاراۋۇزغا تايانماستىن، ھەر بىر ۋاگوننىڭ چاقىغا قوزغىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. بۇنداق بولغاندا پويىز تېزلەشكەن ياكى ئاستىلىغان چاغدا ھەمدە داۋانلىق يول بۆلەكلىرىدە تېخىمۇ سىلىق يۈرىدۇ، شاۋقۇن ۋە سىلكىنىشنىمۇ ئازايتىپ، يولۇچىلارنىڭ راھەتلىكىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  ياپونىيە قاتناش ۋازارىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئۈنۈملۈك رىقابەت دائىرىسى بەش سائەت ئىچىدىكى مۇساپە بولۇپ، يەككە مۇساپە ۋاقتى بەش سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ چاققانلىقى ئايروپىلاننىڭكىگە يەتمەي قالىدىكەن. يېڭى غول لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ياپونىيەنىڭ توپا-تاش بىناكارلىقى، خام ماتېرىيال ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ سەپىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلەتتى.

  ياپونىيە يېڭى غول لىنىيەنى تەتقىق قىلىۋاتقان چاغدا، ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرى تۆمۈر يول تىرانسپورتىنى «خارابلاشقان كەسىپ» دەپ قاراپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ھاۋا ترانسىپورتىغا قاراتقان ئىدى. يېڭى غول لىنىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىكىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ تىرىشىشقا باشلىدى.

  1981-يىلى 27-سىنتەبىر، ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى بىردىنبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پارىژ-لىئون لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، قىزغۇچ سېرىق پويىز رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى 10 يىلدىلا قۇرۇلۇش تەننەرقىنى قايتۇرۇۋېلىپ، فىرانسىيە يۇقىرى تېخنىكىسىنىڭ سىموۋوللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2014-يىلىغىچە، فىرانسىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئومۇمىي مۇساپىسى 2037 كىلومېتىرغا يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتناش سۈرئىتىدىمۇ كۆپ قېتىم يۇقىرى رېكورت ياراتتى.

  فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سانى ياۋروپادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىنىمۇ ئېكىسپورت قىلىدۇ. ئەمما خەلقئارا بازاردا فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئېكىسپورتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، فىرانسىيە كورىيە، ماراكەش ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان، ئەمما تازا ئوڭۇشلۇق بولمىغان. تەھلىلچىلەر: باھانىڭ بەك يۇقىرى بولۇشى فىرانسىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئېكىسپورتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارىدى.

  گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سىستېمىسى شەھەر ئارا تېز پويىز، دەپ ئاتىلىدۇ. 1991-يىلى تۇنجى شەھەر ئارا تېز پويىز ھاننوۋېردىن ۋۈرىزبۇرگقىچە بولغان لىنىيەدە قاتنىغان. مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەشكە ئەھمىيەت بېرىش- گېرمانىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، گېرمانىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلاندىنمۇ بەكرەك ئېنېرگىيە تېجەيدىكەن، يولۇچىلار يېرىم توشقان ئەھۋالدا، ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يۈز كىلومېتىرلىق ماي سەرپىياتى ئىككى لىتېرغا يەتمەيدىكەن. گېرمانىيە يەنە «ياۋروپا چىگرا ھالقىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسى»دىن بىرقانچىنى ياسىغان بولۇپ، ئەنگلىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسارىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ھەمكارلاشقان، يولۇچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ بىرقانچە دۆلەتنىڭ چىگرىسىدىن ئاتلىيالايدۇ.

  ياپونىيە بىلەن ياۋروپاغا نىسبەتەن، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، 19 مىڭ كىلومېتىرلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تېجارەت مۇساپىسىدىن تارتىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېگىز ھەم سوغۇق رايون يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغىچە نۇرغۇن «دۇنيا بويىچە بىرىنچى»لىكلەرگە ئېرىشكەن جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى «كېيىنكىلەر ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈش»نىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

  جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تېخنىكا كىرگۈزۈش ئاساسىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئىلغار تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. رۇسىيە ئىنژېنېرلار ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ئىۋان ئاندىرىيېۋىسكى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىغا باھا بېرىپ: جۇڭگو تېخنىكا سېتىۋېلىش ئاساسىدا ئۆز تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇردى، بۇ كۆچۈرمىچىلىك ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش، جۇڭگونىڭ ھالقىلىق ئۈستۈنلىكى خىزمەت سۈرئىتى ۋە باھادا، ھازىر بۇنىڭغا يەنە سۈپەت ۋە تېخنىكا قوشۇلدى، دېدى.

  جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى «ئىلغار تېخنىكا كىرگۈزۈش، بىرلىشىپ لايىھەلەپ ئىشلەپچىقىرىش، جۇڭگو ماركىسى يارىتىش». پەن-تەتقىقات خادىملىرى كىرگۈزۈلگەن تېخنىكىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرىكتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئاخىرىدا غەربنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۆلچەم شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر