باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا، بوسنىيە گرېتسىگوۋىنا ئەمەلدارلىرى قوراللارنى كۆيدۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.04.25 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 22-ئاپرېل بوسنىيە گرېتسىگوۋىنا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ۋە ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن قوراللارنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  بوسنىيە گرېتسىگوۋىنا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇك ئىشتاتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چانپارا مۇنداق دېدى: سۆھبەت ئىجابىي خاراكتېرلىك بولۇپ، بوسنىيە گرېتسىگوۋىنا ئاخبارات بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، بوسنىيە گرېتسىگوۋىنا ئوخشاش بولمىغان ئاخبارات ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇقنىڭ تەھدىتكە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ماسلىشىشنى كۈچەيتىدۇ.

  چانپارا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىكدىچ سۆھبەتتە، رايون تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، غەربىي بالقان رايونىدا بىرلىككە كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر