باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئىئانە قىلىش پائالىيىتى كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.22 15:41   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئىئانە قىلىش پائالىيىتى كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئاپرېل سائەت 16:00 دە شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كىرىيە ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى ئوتتۇرا ئەگلە كەنتىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن كەنتتە قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى، ئەنتا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى جامائەت پاراۋانلىق ئىئانە قىلىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا ئەنتا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 5 ۋىلايەت، ئوبلاست، 36 ناھىيە، شەھەردىكى 144 ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا قىممىتى 1 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە كىيىمى ۋە ئايىغى ئىئانە قىلدى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن كىشى 1600گە يېقىنلاشتى.شۇ كۈنى يەنە «بەختلىك تۇرمۇش، رەڭدار بالىلىق» تېمىسىدا ئويۇنچۇق سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رەخت قونچاق، ئويۇقچۇق پىكاپ قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەزالار نەق مەيدانغا كەلگەن كىچىك دوستلارغا سوۋغا قىلدى.

  ئىئانە قىلىش مۇراسىمى كېيىن، ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە شۇ جايدىكى ئىككى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…