باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىزلار مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن

2016.04.25 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ياكى قىزلار ئاساس قىلىنغان مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن، كېسەل بولۇش نىسبىتى باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدا 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىۋېتسىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 55 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاساس قىلىنغان.

  نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئەڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئائىلىدىن كەلگەن قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى % 3.3 ئىكەن؛ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، قىزلار ئاز مەكتەپلەردىكى ئاتا-ئانىسى تەربىيەلىنىشىگە تازا كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قالايمىقانلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1.3% ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: قىزلار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە بەكمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ، تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يۇقىرى بولغان ئائىلىدىن چىققان قىزلار ئەگەر ھەق تۆلەيدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسا، ئۆگىنىش بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرۈلگەن پەرق پەيدا قىلغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر