باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېكۋادوردىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 646 گە يەتتى

2016.04.25 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكۋادور زۇڭتۇڭى كورېئا 23 –ئاپرېل، مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا 7.8 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 646 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  كورېئا شۇ كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىكى قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش سىستېما باش ئىشتابىدا بۇ ساننى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 23-ئاپرېل سائەت 23دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن 646 ئادەم قازا قىلدى، 12 مىڭ 492 ئادەم يارىلاندى، 130 ئادەم يوقاپ كەتتى، 10 نەچچە مىڭ قۇرۇلۇش ۋەيران بولدى، 26 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى. ئۇ يەنە سەككىز كۈن قارىلىق تۇتۇشنى جاكارلىدى .

  كورېئا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېكۋادوردا يەنە 800 قېتىمغا يېقىن قالدۇق يەر تەۋرىدى، شۇ يەردىكى ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىغا ۋەھىمە ئېلىپ كەلدى. ئېكۋادور يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى كەلگۈسى نەچچە كۈندە يەنە داۋاملىق قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئەڭ يۇقىرى تەۋرەش دەرىجىسى 6.8 بال بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر