خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى››دىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 22-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەنئەت تىياتىرخانىسى ئوركېستىرى پارتىيە ياچېيكىسى ئۆمەكنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى.
بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىدە‹‹ ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، تۆھپە قوشۇشتا بەسلىشىش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
ئۆمەكتىكى مۇزىكانتلار ‹‹غەربىي يۇرت تارىخىي خاتىرىسى››، ‹‹شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىسى››قاتارلىقلارنى كۆرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى