باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدا «ئىككى ھوقۇق»قا چېقىلغان ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى يىغىپ كۆيدۈرۈلدى

2016.04.22 15:45   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا «ئىككى ھوقۇق»قا چېقىلغان ئوغرىلىقچە نەشر  قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى يىغىپ كۆيدۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن 12 يېرىمدا، 2016 ـ يىللىق مەملىكەتلىك نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىپ كۆيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى پائالىيتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاز كەم 20 مىڭ دانە نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى يىغىپ كۆيدۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شۆبە مەيدانىدا 143 مىڭ دانە يىغىپ كۆيدۈرۈلدى.

  «4.26» دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 21 - ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، 2016 ـ يىللىق نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىپ كۆيدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى پائالىيتى باشلاندى، پائالىيەت شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى تارقىتىش ئەشيا ئوبروتى ـ تەقىسىملەش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ( شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش) رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن ۋېن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ يەنمېي رىياسەتچىلىك قىلدى

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاز كەم 20 مىڭ دانە نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى يىغىپ كۆيدۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شۆبە مەيدانىدا 143 مىڭ دانىسى يىغىپ كۆيدۈرۈلدى. بۇ قېتىم كۆيدۈرۈلگەن نەرسىلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە تۈرلۈك تۈزەش ھەرىكىتىدە بىلەن تەكشۈرۈپ يىغىۋالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…