- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
2015.07.21 19:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 20-ئىيۇل، ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن ۋيېنادا ئىمزالىغان تارىخىي خارەكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېلىشىمىنى بىردەك ماقۇللىدى.
قاراردا مۇنۇلار دېيىلدى: جۇڭگو، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مەزگىل مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىران بىلەن دېپلوماتىك تىرىشچانلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرى 2015-يىلى 14-ئىيۇل ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
قاراردا يەنە، ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ يادرو قورالغا ئىنتىلمەيدىغانلىقى، تەرەققىي قىلدۇرمايدىغانلىقى ۋە ئېرىشمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ئېيتىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر