- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق دوكتۇر ئاشتىلارغا ئاجىراتقان ياردەم راسخوتى ئىككى مىليون يۈنگە يەتتى
2015.07.23 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2015- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ دوكتور ئاشتىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم خىراجىتىنى تاللاپ باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقچى، ياردەم خىراجىتى 2 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، « ئىلغار دوكتور ئاشتى تەتقىقات كۆچمە پونكىت، خىزمەت پونكىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسى»دىن 12نى تاللايدىكەن. ھەر بىر پونكىتىغا 80مىڭ يۈەن ياردەم بېرىدىكەن؛ « مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتى كەسپى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى خىراجىتى ئادەتتىكى ياردەم بېرىش خادىملىرى»دىن 15نەپەرنى تاللاپ، ھەر بىر ئادەمگە 30مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، « مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتى كەسپى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى خىراجىتى ئالاھىدە ياردەم بېرىش خادىملىرى»دىن 7نەپەرنى تاللاپ، ھەر بىر ئادەمگە 80 مىڭ تۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر