باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىسى»

2015.07.23 17:29   مەنبە: خەلق تورى

«بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىسى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 17– ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 9دا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋان يولىغا جايلاشقان تاشبۇلاق باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئەرداۋان شەرقىي مەھەللىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ 3 – قەۋىتىدىكى ئۆسمۈرلەر سارىيىدا نۈرگۈل ئوبۇل سىنىپتىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 20بالىغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىلدا سالاملىشىش قاتارلىق تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

  ـــ ياخشىمۇسىز؟

  ـــ ئەھۋالىڭىز قانداق؟

  .....

  2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق 10ياشلىق ئالىيە يېنىدا ئولتۇرغان جاۋ خۇڭغا خەنزۇچە، جاۋ خۇڭ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز ئارا سۆز دىئاگلوگى قىلىشىۋاتاتتى.

  ـــ بىزنىڭ بۇ سىنىپىمىز بەك ياخشى، بولۇپمۇ تەتىل بولغاندىن كېيىن سىنىپىمىزدا ھەركۈنى قوشتىل ئۆگىنىش، مۇزىكا ئۆگىنىش، ئۇسسۇل مەشقى، ھۈنەر – سەنئەت قول مەشقى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەردە ئۆگىنىش قىلىۋاتىمىز، تەتىل كۈنلىرىم ناھايىتى خۇشاللىقتا ئۆتىۋاتىدۇ،- دېدى سىنىپتىكى بويى ئېگىزرەك كەلگەن ئالىيە ماڭا.

  سائەت 9:30بولغاندا ئۇسسۇل مۇئەللىمى لى لى نىڭ باشچىلىقىدا 10ئوقۇغۇچى ئۇسسۇل دەرىسىگە كىرىپ كەتتى. ئابلەتجان ياسىن، لى يەن قاتارلىقلار ئاپتوموبىل مودېل دەرسى مۇئەللىمى ساۋ شۈەن بىلەن بىرگە ياندىكى سىنىپتا ئاپتوموبىل مودېلى قۇراشتۇرۇشقا باشلىدى. يەنە بىر قىسىم بالىلار لاي قونچاق ياساش، رەسىم مۇئەللىمى شۈ لېي بىلەن بىرگە لاي قونچاق ياساشقا باشلىدى.

  يۇقىرىقىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، شەھەرلىك ياش – ئۆسمۈرلەر سارىيىدىن بۇ مەھەللە كومىتېتىغا «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ خىزمىتىدىكى كارتىنىلار بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت مىجىت بىلەن ھەرقايسى سىنىپلارنى ئايلانغاچ پاراڭلاشتىم.

  ـــ بىز بۇ يىل مارتتىن باشلاپ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ھەركۈنى چۈشتىن كېيىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشلىگەن خىزمەتلەر ئاساسىدا مەھەللىگە قاراشلىق ئاھالىلەرنىڭ سانلىق ئۇچۇرىنى قايتىدىن بىر يېڭىلاپ كۆرۈپ چىققاندا بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدە %80نىڭ سىرتتىن كەلگەنلىكى، كۆپىنچىسىنىڭ ئاقما نوپۇس ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى مەكتەپ تەربىيىسىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسىدە يالغۇز قالىدىغانلىقى ياكى مەھەللىلەردە ئويناپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىمىز ئىشنى مۇشۇ ئالدىمىزدىكى كىچىك ئىشتىن باشلايلى دېيىشتۇق،- دېدى ئابلىمىت مىجىت ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ،- بالىلار كەلگۈسىسىنىڭ ئىزباسارلىرى، بالىلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، بىخەتەر چوڭ بولۇشى ئۇنىڭ پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ بەختى. شۇنىڭ بىلەن «سائەت ئۈچ يېرىم دەرىسخانىسى» تەسىس قىلىپ، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ دەرىس تەكرار قىلىش ئىمكانىيىتى يوق، ياكى تەكرار قىلىپ بېرىدىغانلار يوقلارغا مەخسۇس تەكرار سىنىپى، قوشۇمچە دەرىسلەرنى ئۆگىنىش سىنىپى ئاچتۇق. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن – قۇلاققا يېتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە 3 – قەۋەتتىكى ئىككى سىنىپتىن چوڭ يىغىن زالىغىچە ئوقۇغۇچىلار بىلەن توشۇپ كەتتى. ئۇلار بىزنى ئۆسمۈرلەر سارىيىنى مەھەللىمىزگە ئېلىپ كەپتۇ دېيىشتى.

  ـــ بالىلار خۇشال بولسا، ئائىلە خۇشال بولىدۇ، ئائىلە خۇشال بولسا مەھەللىمىز ئىناق، ئىتتىپاق بولىدۇ. نۇرغۇن يەرلەردە مەھەللە كومىتېتى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋېتى شەكىللىنىپ قالدى. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە مەھەللە كومىتېتى مەھەللىدىكىلەرنىڭ پائالىيەت ئۆيى. ئاھالىلەر ئۆيىدە زېرىكىپ قالغاندا، بولۇپمۇ بالىلار بۇ يەرگە كېلىپ كىتاپ ئوقۇيدۇ، رەسىم سىزىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئاھالىلەرمۇ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر بۆلىكىدەك كۆرىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ كۆڭلى ئېلىنغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلارمۇ خۇشال بولدى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ دەرىس تەكرار قىلماي ئويناپ كېتىشىدىن، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى، خاتىرجەم بولدى،- دېدى ئابلىمىت مىجىت،- ھازىر خىزمەت گۇرۇپپىمىزنىڭ %80خىزمىتى ئاساسلىقى مۇشۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە تەربىيىسى، تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسى، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا ئاجرىتىلدى. بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. ئويىمىزچە مۇبادا بىزنىڭ بۇ مەھەللىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ياش – ئۆسمۈرلەر سارىيىمىز مۇۋەپەقىيەتلىك بولسا بۇنى شەھەردىكى 800دىن ئارۇق مەھەللە كومىتېتىغا ئۈلگە قىلماقچى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى