باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 20يىل ئىچىدە ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇشى مۇمكىن

2015.07.23 11:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 20-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم تەتقىقاتتا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 5يىلدىن 7يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئاي شارىغا چىقىرالايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10دىن 12يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك بازا قۇرالايدىغانلىقى، ئاي شارىدىكى بازىدا يەنە ئېنېرگىيە ئېچىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئاي شارىغا قايتىش پىلانى بار بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد «ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى»نى ئىشلىتىپ، راكېتا قويۇپ بېرىپ ئاي شارىغا يەنە بىر قېتىم قونماقچى بولغان، ئەمما ئادەم ئەۋەتىش پىلانلانمىغان. ئەگەر خۇسۇسىي شىركەتلەر قوللىسا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ قويۇپ بېرىش چىقىمىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر