خەلق تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايۇننىڭ 2015- يىللىق ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوغۇللار گورۇپپىسى بويچە چېلىشىش مۇسابىقىسى 23- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00دە كۇچا ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى .
ئىگىلىنىشچە ، 2015- يىللىق ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بىر قېتىملىق كۆلۈمى چوڭ ، قاتنىشش دائىرسى كەڭ بولغان مۇسابىقە بولۇپ، مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست )، شەھەرلەرنىڭ 13 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 214 نەپەر ماھىر تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن . ئوغۇللارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى23- ئىيۇلدىن 26- ئىيۇلغىچە ، قىزلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى26- ئىيۇلدىن30- ئىيۇلغىچە ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 30- ئىيۇلدىن 4- ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن .
سۈرەتتە: 23- ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئوغۇللارنىڭ ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈشلەر