باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتىدىن باشلاپ سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

2015.07.23 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان تېمپىراتۇرىنىڭ دەردىنى خېلى كۆپ تارتتى. سوغۇق ھاۋا قاچان كېلىدۇ، تېمپىراتۇرا قاچان تۆۋەنلەيدۇ دىگەن مەسىلە كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. تۆنۈگۈن مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا،ئىراننىڭ شىمالىدىكى سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم رايونىدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلگەن بۇلۇپ،ئەتىدىن باشلاپ سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

  تۆنۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃ 40.6قا چىققان بۇلۇپ، بۈگۈن ℃41 گە ئۆرلەيدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىنىڭ باشلىقى دىياۋپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى: 22-ئىيۇل يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، 23-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، تېمپىراتۇرىمۇ℃ 39غا چۈشىدۇ. بىراق ھازىرقى تېمپىراتۇرا بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، گەرچە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى يەنىلا ℃ 30،ھەتتا ℃ 35تىن يۇقىرى بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر