خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد)
ـــ مەن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلدىم، تۇنجى قېتىم D3لىق كىنو كۆردۈم، تۇنجى قېتىم ھەرخىل ھايۋاناتنى كۆردۈم، تۇنجى قېتىم ئاسمان پەلەك ماشىنىسىغا ئولتۇردۇم، تۇنجى قېتىم ئۆيۈمدىن سىرت جايدا «دادا»، «ئاپا» لىرىم بىلەن ھېيت ئۆتكۈزدۈم، بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر ماڭا نۇرغۇن تۇنجىلارنى ئاتا قىلدى،- دېدى خوتەن ناھىيەسى يېڭى ئاۋات يېزىسى ئازنامەسجىت كەنتىدىن كەلگەن مۇقەددەس ئابلەت 18 – ئىيۇل شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى مۇھەممەدتۇردى مىرزىئەھمەدنىڭ ئۆيىدە ماڭا.
خوتەن ناھىيەسى يېڭى ئاۋات يېزىسى ئازنامەسجىت كەنتىدىن كەلگەن توققۇز ياشتىن 16ياشقىچە بولغان 15نەپەر ياش – ئۆسمۈر 17 – ئىيۇلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىدىن خوتەن ناھىيەسى يېڭى ئاۋات يېزىسى ئازنامەسجىت كەنتىگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۈن – سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات ھەبىبۇللانىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىدە تاغقا چىقىپ تاماشا قىلدى، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سارىيىغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيەدە بولدى، شىنجاڭ خەلق تىياتىرىدا D3لىق كىنو كۆردى، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىگە بېرىپ رادىئو تېلىۋېزىيە نومۇرلىرىنىڭ ئىشلىنىش، تارقىتىلىش ئەھۋالىنى كۆردى، قەلبىدىكى داڭلىق رىياسەتچىلەر بىلەن ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىدىكى «دادا»، «ئاپا» لىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ھېيت ئۆتكۈزدى...
ـــ خىزمەت گۇرۇپپىمىز كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەنتتە تەسىس قىلغان كەچلىك كۇرۇسدىكى ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى 17نەپەردىن ھازىر 130دىن ئاشتى. ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئەدەپ – قائىدىلىك، ئىنتىزامچان، كىيىنىشى رەتلىك، تازىلىقى ياخشى بولدى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى،- دېدى پەرھات ھەبىبۇللا ماڭا،- كەنتتىكى بۇ قىز – يىگىتلەر ئەزەلدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ باقمىغان، چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتتىكى كۆرمىگەن نۇرغۇن نەرسىلىرى بار. بۇ قېتىمقى لاگېرنى تەشكىللەش ئۇلارنىڭ «بەش تونۇش» قا بولغان قارشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئاساسىي مەقسەد قىلىنغان.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى