- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھامىينى: ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يادرو كېلىشىمى سەۋەبلىك ياخشىلانمايدۇ
2015.07.20 16:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىينى تۈنۈگۈن: ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى سەۋەبلىك ياخشىلانمايدۇ دېدى.
ھامىينى تۈنۈگۈن رامىزان ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش تېلېۋىزىيە نۇتقىدا مۇنداق دېدى: مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىسۇن ماقۇللىمىسۇن، ئىراننىڭ ھاكاۋۇر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۇتقان مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ.
ھامىينى يادرو تەكشۈرۈشى ئۈستىدە مۇنداق دېدى: ئىران غەرب ئەللىرىنىڭ زىيادە تەلىپىگە باش ئەگمەيدۇ، سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگە يول قويمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر