باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە جامائەتچىلىكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2015.05.26 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ياپونىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلدى ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، شى جىنپىڭ سۆزىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى نامايان قىلىندى دەپ ھېسابلىدى.

  «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە تۈنۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى نىكاي ئۆمەك باشچىلىقىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، بۇ ياپونىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى دەپ ھېسابلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئابى شىنزو سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى، رايون ۋەزىيىتىدىكى ئىختىلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىزدىنىشىگە جەريان كېتىدۇ.

  «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شى جىنپىڭ تارىخىي مەسىلىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەش بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى بولۇپمۇ ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ چوڭ كۆلەملىك زىيارەت ئۆمىكى ئالدىدا تۇنجى قېتىم سۆز قىلىشى. ئۇ سۆزىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى تەكىتلىدى، بولۇپمۇ ياشلار مەركەز قىلىنغان ئەلئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلىدى.

  ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئابى شىنزودىن داۋاملىق ھوشيار بولۇش بىلەن بىرگە بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر