باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى

2015.05.26 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئاياغالاشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى 17-ماي كېچىدىن 18-ماي سەھەرگىچە يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا كېچىلەپ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇم نىشانى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئادېن شەھىرى قاتارلىق جايلىرىدىكى نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئارمىيەدىكى ئەربابلار ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى توشۇپ بىر سائەتتىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى كونترول قىلىۋالغان ئادېندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ ئارمىيەسىنىڭ بىر بازىسىنى بومباردىمان قىلغان

  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئادېن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەتراپى ۋە گېلمەكسەر، كىرت قاتارلىق جايلاردا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

  ماينىڭ بېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى بەش كۈن ئۇرۇش توختىتىپ، قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەمەن ۋاقتى 12-ماي سائەت 23،بېيجىڭ ۋاقتى 13-ماي سەھەر سائەت تۆتتە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان، 17-ماي سائەت 23تە، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 18-ماي سەھەر سائەت تۆتتە ۋاقىت توشقان. ئۇرۇش توختىغان مەزگىلدە، پارچە-پۇرات ئېتىشىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان.

  بەزى ياردەم تەشكىلاتلىرى مۇنداق دېدى: بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە يەمەنگە يېتەرلىك ئاشلىق، يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش تەس. توقۇنۇش بولۇۋاتقان بەزى جايلاردىكى ئاھالىلەر ئەڭ ئەقەللىي ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا ئېرىشەلمىدۇق، دەپ قاخشىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئىسمايىل ئۇرد شەيخ ئەھمەد 17-ماي توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى يەنە بەش كۈن ئۇزارتىپ، يەمەنگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش قۇسەي قوراللىقلىرىغا باغلىق، دېدى.

  قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى شەرىف لوقمان مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارشى ئالىمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئاممىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش تەشەببۇسىنى قارشى ئالىمىز.

  ئادېننى ھازىر قۇسەي قوراللىقلىرى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ئادېن سەھىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەيدەر راسۋار: 17-ماي ئادېندىكى توقۇنۇشتا تۆتەيلەن قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 39 ئادەم يارىلاندى بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا ۋە تۆت ئايالمۇ بار دېدى.

  راسۋارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۆتكەن 50 كۈندە ئادېندىكى ئاھالىلەر ۋە زۇڭتۇڭ ھادىنى قوللايدىغان ئەسكەرلەردىن 617 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 76 ئايال ۋە بالا بار ئىكەن.

  ئادېندا يارىلانغانلار ئۈچ مىڭدىن ئاشىدۇ. كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلاردا تۇرماقتا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قالايمىقان بولغاچقا، نۇرغۇن دوختۇرلار قېچىپ كەتكەن ئىدى.

  يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئۇزۇن يىل يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە قۇسەي قوراللىقلىرى پايتەخت سانانى كونترول قىلىۋالدى. بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، قۇسەي قوراللىقلىرى يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن توقۇنۇشتى ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالدى، ئارقىدىن زۇڭتۇڭ ھادى ۋە كابىنېت ئەزالىرىنى نەزەربەند قىلدى. ھادى نەزەربەنتتىن قۇتۇلۇپ ئادېنغا قېچىپ باردى، ئارقىدىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتتى.

  26-مارتتىن بۇيان، يەمەن ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، بۇ تەشكىلاتنى ئىگىلىۋالغان يەمەننىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى قايتۇرۇش ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتكەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ دۆلەتكە قايتىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھاۋا ھۇجۇمىدا يەمەندە ئاز دېگەندىمۇ 1400 ئادەم قازا قىلدى، تۆت مىڭدەك ئادەم يارىلاندى. نەچچە يۈز مىڭ ئادەم يۇرت ماكانلىرىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن يەمەندە ئېغىر دەرىجىدە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كېلىپ چىقتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر