باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى بويىچە تۇنجى قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.31 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ۋە ئىراننىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن كەچتە شېۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇمۇ ئۆتكەن يىلى نويابىر ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىنى ئۇزارتىش قارار قىلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى.

  بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بۇرۇن، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئايرىم ئايرىم نۇرغۇن قېتىم زىچ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتلەشتى. مارتنىڭ ئاخىرى رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ بولۇش مۆھلىتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز قەرەلىدە رامكا خاراكتېرلىك كېلىشىم نەتىجىسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  سۆھبەتكە قاتناشقان دىپلوماتىيە ئەربابلىرى مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدىن ئىبارەت مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە دۆلەت ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى لوزانغا جەم بولۇپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق تونۇشلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر