باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى

2015.03.31 18:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مارتنىڭ ئاخىرلىرىغىچە رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۆھلىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو، رۇسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى تۈنۈگۈن شېۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئىران باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشتى.

  سۆھبەتكە قاتناشقان دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدىن ئىبارەت مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بۇ سۆھبەتتە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان سىياسىي ئەسلەتمىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرۈگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ناۋادا بۇ قېتىقى سۆھبەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر بارلىق ئاساسلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلالىسا، كېيىنكى قەدەمدە تېخنىكىلىك خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش تەپسىلىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر