باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك زاتلار شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدىكى سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2015.03.31 18:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىم، سودا ساھەسىدىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇتقىغا ئىجابىي باھا بەردى «ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاش»دېگەن تەشەببۇس رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان يېڭى ئاسىيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىمىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى تايلاندقا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، بۇنىڭ تايلاند ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېشىشىغا ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا تايلاندنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزىگە ھەقىقىي ئايلىنىشىغا تېخىمۇ ياردىمى بولىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا بەس بەستە قاتنىشىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋە دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى شۇنداقلا جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بامباڭ سۇريونوۋ مۇنداق دېدى: «ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاش»تەشەببۇسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ ئاسىيا ھەتتا دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ ھەقىقىي چوڭ دۆلەتنىڭ تەدبىرى.

  بىرما رانگون شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋۇرامىن مۇنداق دېدى: بىرما بىر بەلباغ بىر يول پىلانىنى ناھايىتى قارشى ئالىدۇ، بۇ پىلان ۋە كونكرېت تۈرلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرما ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھازىرقى باسقۇچتا بىرما ئالاقىدار ھەمكارلىققا ياخشى تەييارلىق قىلىپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر