باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپ سانلىق ياپونلار ئابى شىنزو سۆھبىتىدە تاجاۋۇزچىلىق، تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش تىلغا ئېلىنىشى كېرەك دەپ قارىغان

2015.03.31 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈلۈشكۈن ۋە تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، يېرىمدىن كۆپرەك ياپونىيەلىك ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىدىغان باش ۋەزىر سۆھبىتىدە «مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىق»، «تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە كەچۈرۈم سوراش» قاتارلىق سۆزلەرنى تىلغا ئېلىشى كېرەك دەپ ھېسابلىغان.

  ئابى شىنزو بۇندىن ئىلگىرى: مەن بۇ يىلقى سۆزۈمدە «مۇراياما سۆھبىتى» قاتارلىق ھەر نۆۋەتلىك كابىنېتلارنىڭ تارىخىي تونۇش مەسىلىسىدىكى كۆز قاراشلىرىغا ئومۇمىي جەھەتتىن ۋارىسلىق قىلىمەن دېگەن، لېكىن ئۇ «مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىق»، «تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە كەچۈرۈم سوراش» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىككە قارىتا مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر