باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە تۈرتكە بولدى

2015.03.31 17:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قەدەم تاشلاش» باش تېما قىلىنغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنى 26-مارتتىن 29-مارتقىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى» ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەسسەۋۋۇرى بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئەڭ قىزىق قارالمىغا ئايلاندى.

  ئاۋىسترالىيە تۈنۈگۈن ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈلۈشكۈن، رۇسىيە، بىرازىلىيە، گوللاندىيە، گېرۇزىيەلەرمۇ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى جارلىغان، ئاسيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ دوستلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

  ئەنگلىيە ۋارۋىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋارۋىك سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى كامال مالاغ: ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاسىيانىڭ قويۇق ئالاقە قىلىدىغان ئىقتىسادىي ماتورغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتمەكتىمەن، دېدى.

  ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئاسىيا رايونىدىكى كۆپ تەرەپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئورگان، ئاسىيا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى دۇنيا ئىقتىسادىدا يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان ئاسىياغا جايلاشتى، رايوندىكى مەبلەغ سېلىش ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ساھە-ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى. بۇ ئىككى چوڭ نۇقىتىنى مۇۋاپىق ئىگەللەش ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرىۋەتتى.

  ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى دۇنيا سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەخمىنەن 8 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدىكەن، ھازىرقى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ تەلەپنى قاندۇرغىلى بولمايدىكەن.

  شۇڭا، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى مەزكۇر رايوننى يېڭى بىر مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، ھازىرقى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش كەمچىلىكىنى تولۇقلىدى. نيۇروك ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفىسسورى پائۇل: ئاسىيا ياكى دۇنيا قاتلىمىدىن بولسۇن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، دېدى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر شۇنداقلا رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەڭ ئورتاق غەلبە قىلىدىغان تاللاش. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قوش غەلبە قىلدىغان ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئاسىيا ئەللىرى ۋە رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭگو شەك-شۈبھىسىزكى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتلەر ۋە رايونلارمۇ جۇڭگونىڭ يېتەرلىك مەبلىغى ۋە كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىدىن نەپ ئالىدۇ.

  يېقىندىن بۇيان، ئاسىيا رايونىدىن سىرت غەربتىكى نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ئېشىنىپ ئاۋاز قوشتى، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب ئۇلار ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ غايەت زور سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى. تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىمىن مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جابدۇقلىرى ۋە تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىدە. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىش بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلغانلىق.

  ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىدىن باشقا، بىر بەلۋاغ بىر يول تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن يىپەك يولى ھەرىكەت لايىھەسىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا بۇ يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا قويۇلدى. ئۈلۈشكۈن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەت رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  گولدمان ساچ گۇرۇھى ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ھاجىمىڭ مۇنداق دېدى: تەسەۋۋۇر ئوتتۇرغا قويۇلغىنى بىر يىلدىن ئاشتى، بازارلاردىكى نۇرغۇن زاتلار كونكرېت قەدەم باسقۇچلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى كۈتمەكتە، بۈگۈنكى كۈندە لايىھەنىڭ ئۇتتۇرغا قويۇلۇشى ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئارزۇغا ئېنىق جاۋاب بېرىلگەنلىك شۇنداقلا دۇنياغا بۇنىڭ بىر ئىدىيە جەھەتتىكى تەسەۋۋۇر بولۇپلا قالماستىن، مىخانىزىم جەھەتتىكى لايىھەنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  كاتماندو باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئادىكالى مۇنداق دېدى: «بىر بەلۋاغ بىر يول تەسەۋۋۇرى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشگە ئەگىشىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر يەنىمۇ ھەمكارلاشماقتا، بۇ بۇندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە راۋاجلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نېپال ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

  «بىر بەلۋاغ بىر يول تەسەۋۋۇرى»نى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئوتتۇرغا قويغان، بۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلغاندا: يېپەك يولى بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈردى دېدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن يەنە جۇڭگونىڭ «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» قارشىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن نۇقتىنەزەر بىلەن دۇنياغا، ئاسىياغا ۋە جۇڭگو نەزە سالدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول قورۇش» تەسەۋۋۇرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئېنىق يول تېپىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر