- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزدىن باشلاشقا دەۋەت قىلدى
2015.02.27 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25-فېۋرال تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ نەزەربەند قىلىنماسلىقىنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە قوسەي قوراللىق تەشكىلاتىدىن زۇڭلى ۋە باشقا نەزەربەند قىلىنغان ياكى تۇتۇۋېلىنغان كابىنېت ئەزالىرىنى دەرھال بىخەتەر شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سىياسىي ئۆتكۈنچە مۇساپىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مېخانىزم، مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنىڭ نەتىجە ھۆججىتى ھەمدە مىللەتلەر تىنچلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاساسەن ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر