- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
2015.02.13 16:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»، «قوللاش فىرونتى » قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنسىز نېفىت سودىسى قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەتكەس قىلىش، تۇتقۇن قىلىۋېلىپ قايتۇرۇۋېلىش پۇلى ئېلىش ۋە ئىئانە توپلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشىش مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا قارار ماقۇللاپ، تەدبىر قوللىنىپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»، «قوللاش فىرونتى » قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ، چەتئەللىك تېررورىزىمچىلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتنىشىشىنى توسۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم ماقۇللانغان قاراردا ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش بەلگىلىمىسى يەنىمۇ كونكىرتنىلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر