- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالايسىيانىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرىنى تېپىش خىزمىتى باشلاندى
2014.11.19 10:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايسىيانىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان گوللاندىيە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئۈلۈشكۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مالايسىيانىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونىسسك ئوبلاستىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدىن باشلىنىدۇ. گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىك تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىقلار ئەۋەتكەن بىر ئەترەت شۇ كۈنى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدىن ئايروپىلاننىڭ پارىسىنى ئىزدىدى. نەق مەيداندا كىران ئارقىلىق ئايروپىلان پارچىلىرى يۆتكەلدى، بىر قىسىم ئېغىر ئايروپىلان پارچىلىرى توشۇشقا ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈن پارچىلاندى. ئايروپىلان پارچىلىرىنى توپلاشقا مەسئۇل دونىسسىك ئوبلاستلىق جىددىي ئەھۋال تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى: توپلاش خىزمىتى ئون كۈندە تاماملىنىشى مۇمكىن دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر