- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە ئامېرىكىدىن مالايسىيا ئايروپىلانىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2014.11.19 10:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاندىرې كېلىن تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن جەرياندىكى سۈنئىي ھەمراھدىن تارتقان سۈرئىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. كېلىن مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى بىلەن تەمىنلىشىدە چىڭ تۇرىمىز، چۈنكى ئۇلار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: MH17 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزى بىلەن سۆزلەشكەن خاتىرىسى بوشلۇق ئاۋارىيىسىنى تەكشۈرۈشتىنمۇ مۇھىم، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر