باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە پولشىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقاردى

2014.11.19 10:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: پولشىنىڭ بىر قانچە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى رۇسىيەدە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئورنىغا ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، بۇ ئىش بۇندىن بۇرۇن پولشىنىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىغا بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىنىستىرلىقىمىز پولشىنىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندى، پولشىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق. بۇ بىر خىل دوستانە بولمىغان ھەرىكەت. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ پولشىنىڭ دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشى بىلەن پولشا دائىرىلىرىنىڭ تەدبىرى ئۆزئارا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى پولشا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر