باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە ئارمىيەسى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

2014.10.27 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 25-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسى 24-ئۆكتەبىر كەچتە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى بولغان موسۇلنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىپ، بىر ھەربىي لاگىرىدىكى بىر قانچە يۈرۈش ئىمارەتنى ۋەيران قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى تۆت بومبا تاشلاپ، ھەربىي لاگېرىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان خادىملىرىنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرىدىغان ئورنىنى ۋەيران قىلغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمنى ئالاقىدار ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلىگەن. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيە ئارمىيەسى ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىراقتا قۇراللىق رازۋېدكا قىلىش ۋە ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر