باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ۋېتنام ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق يېتەكچى كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2014.10.29 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ۋېتنام ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق يېتەكچى كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن خانويدا ئېچىلدى. دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ۋە ۋېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پان بىنمىن يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ياڭ جيېچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋېتنام مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە ياخشىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئىشلارنى ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا كۆرىدىغان كونكىرېت ھەمكارلىقتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىجابىي ئامىللارنى تەڭ قوزغاپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز كېرەك.

  پان بىنمىن مۇنداق دېدى: ۋېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقى ۋېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، ۋېتنام خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ۋېتنام بۇ فاڭجېندا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر