باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور دېيىشتى

2014.10.29 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چەتئەلدىكى خەنزۇچە تاراتقۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى ۋە ئىجابىي باھالارنى بەردى.

  ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە گېزىتلەرنىڭ بىرى، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 4-ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى، قانۇننى ئىلمىي تۈزۈش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قوشۇنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلشى بىلەن، بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلار ناھايىتى تېزلا كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ. سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تارىخىدىكى «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» تۇنجى قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىنغان يىغىن. تاشقى ساھەدىكىلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

  تايلاندتا خەنزۇچە چىقىدىغان «ئاسىيا گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان قارار جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىدا «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش»نىڭ كېسىشىش نوقتىسى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنچىلىقنىڭ پىشاڭ قىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇكەممەل، پۇختا، كۈچلۈك بولغان قانۇن تۈزۈم سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر